ئۇيغۇرچە
سۈرە پاتىھە - عدد الآيات 7
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
( 1 )
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
( 2 )
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر
الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
( 3 )
اﷲ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر
مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ
( 4 )
قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر
إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
( 5 )
(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز
اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
( 6 )
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن
صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ
( 7 )
غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن)